Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
布拉日大会
دۇنيا تارىخى
بلاج قۇرۇلتىيى
ترانسىلۋانىيىدىكى رۇمانلارنىڭ مۇستەقىللىك تەلەپ قىلىش قۇرۇلتىيى. 1948-يىلى 3-ئايدا، ترانسىلۋانىيىدىكى ئاراد، تىمگىئوئارا قاتارلىق شەھەرلەردە يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى ھەم مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بلاجدا يىغلىش قىلىش بەلگىلەنگەن. شۇ كۈنى رومىنىيە ئىنقىلابىي زىيالىيلىرى تەخمىنەن 4000 دېھقاننى باشلاپ يىغىنغا قاتناشقان. 5-ئاينىڭ 3 - 5-كۈنلىرى 40 مىڭدىن ئوشۇق دېھقان، زىيالىي، سودىگەر ۋە ھۈنەرۋەن يىغىلىش قىلغان. يىغىندا بارنتىيۇ يىغىن پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ئېلان قىلىپ، رومانلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى تەكىتلەپ، ۋېنگرىيە بىلەن قوشۇۋېتىشكە نارازىلىق بىلدۈرگەن. يىغىن، ئۆزىنىڭ مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە سوت مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىش، مىللىي تىل - يېزىقىنى قوللىنىش، ھاشار ۋە فېئودال مەجبۇرىيەتلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش، يەر قانۇنىنى ئۆزگەرتىش، سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، توسۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ھەمدە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىن رۇمانلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى كۈچەيتكەن.