Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇلاڭچىلىق گۇناھى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى بولۇپ، باشقىلارنىڭ مۈلكىنى زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغاندا بۇ گۇناھ شەكىللىنىدۇ. گۇناھ ئەھۋالىغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ: (1) بۇلاڭچىلىق قىلىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلەرگە تەئزىر جازا بېرىلىدۇ؛ (2) مال - مۈلكنى بۇلاپ ئادەمگە زىيان يەتكۈزمىگەنلەرنىڭ ئوڭ قولى كېسىۋېتىلىدۇ، سول پۇتىنىڭ پېيى كېسىلىدۇ؛ (3) ئادەم ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلارنىڭ كاللىسى كېسىلىدۇ ياكى ئۇلار دارغا ئېسىلىدۇ؛ (4) ئادەم ئۆلتۈرۈپ، مال - مۈلۈك بۇلىمىغان بولسىمۇ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ جازالار بىر دېلودىكى جاۋابكارلارغا قوللىنىلىدۇ. لېكىن، بىر دېلودىكى جاۋابكارلار ئىچىدە يېشى كىچىك، ئىش بىلمەيدىغانلار بولسا، ئۇلارغا بېرىلىدىغان مۇقىم جازا كەچۈرۈم قىلىنىپ، ئۇلارغا تەئزىر جازا بېرىلىدۇ.