Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
布拉柴维尔
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bù lā chái wéi ěr
براززاۋىلDئۇنىۋېرسال
bù lā chái wéi ěr
براززاۋىل
دۇنيادىكى شەھەرلەر
براززاۋىل
كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. براززاۋىل شەھىرى كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى كىنىشاشا بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، شەھەردە توقۇمىچىلىق، سېمونت، شېكەر، ياغ چىقىرىش، ياغاچچىلىق، مېتالچىلىق، تاماكا، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدە سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى بار. براززاۋىل شەھىرى تۆمۈر يول ئارقىلىق كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى قارا تۇمشۇق بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. براززاۋىل كونگو دەريا بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان.