Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
不可接触者
دۇنيا تارىخى
يېقىنلىشىشقا بولمايدىغانلار
ھىندىستاننىڭ تەبىقىچىلىك تۈزۈمىدىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلام. ھىندى يېزىقىدا پارىئاھلار، تامىل يېزىقىدا پاراييانلار دەپ ئاتالغان. <قارا بۇدۇن> دېگەن مەنىدە. تەبىقىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلگەن ئادەملەر. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئەڭ تۆۋەن. ئېزىلىشى، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشى ئەڭ ئېغىر. مۇتلەق زور كۆپچىلىكىنىڭ يېرى يوق، ھوقۇقى يوق. پەقەت يېزىلاردا ئىجارىكەش دېھقان، ياللانما دېھقان بولۇشقا ياكى شەھەرلەردە <پاسكىنا> كەسىپلەر (كىر يۇيۇش، تېرىچىلىك، قاسساپلىق، تازىلىق ئىشلىرى، جەسەت يىغىش قاتارلىقلار) بىلەن شۇغۇللىنىشىغىلا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ئىشلەتكەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى <پاسكىنا> دەپ قارىلىپ، باشقا تەبىقىدىكىلەر بىلەن يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ. ئىبادەتخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغىمۇ كىرگۈزۈلمەيدۇ. 1950 - يىلدىكى ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىدا گەرچە ئۇلارغا گراژدانلىق ھوقۇقى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھوقۇقسىز ئورنىدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.