Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۇھېنۋالد جازا لاگېرى
دائىرە: دۇنيا تارىخى布痕瓦尔德集中营
bù hén wǎ ěr dé jí zhōng yíng
فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدە قۇرغان ئاساسلىق جازا لاگېرلىرىدىن بىرى. 1934-يىلى ۋېيمار يېنىدىكى بۇھېنۋالد كەنتىدە قۇرۇلغان. بۇ يەرگە 1934-1945-يىللىرى زور تۈركۈمدىكى فاشىستلارغا قارشى جەڭچىلەر، يەھۇدىيلار ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرى قامالغان بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى يۈزمىڭغا يېتىدۇ. گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ داھىيسى تېلمانمۇ مۇشۇ يەردە ئېچىنىشلىق تۈردە ئۆلتۈرۈلگەن. نۇرغۇنلىغان سىگانلار تۇتۇپ كېلىنىپ <تۇز سۈيى بىلەن ھاياتلىقنى ساقلىغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقى> سىناق قىلىنغان. مەھبۇسلار ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تېرىسى سىلىۋېلىنىپ، ئۇنىڭدىن لامپا قالپىقى ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەنگەن، 4519-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى جازا لاگېرىدىكى فاشىستلارغا قارشى جەڭچىلەر دۈشمەن بىلەن باتۇرلارچە كۈرىشىپ 21 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققانىدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.