Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇغا
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇغا.
ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلىدىغان بىر خىل دورا. بۇنىڭ سېرىقى « سارىغ بۇغا _ سېرىق بۇغا»، كۈلرېڭى « بوز بۇغا _ بوزۇغا» دېيىلىدۇ.
3 - 310
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى كۆشىگۈچىلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان ھايۋان. ئەركەكلىرىنىڭ بېشىدا مۈڭگۈزى بولىدۇ. بەزى تۈردىكى چىشلىرىنىڭمۇ مۈڭگۈزى بولىدۇ؛ تۈكلىرىنىڭ ھەممىسى بېغىر رەڭ، بەزىلىرىنىڭ ئالىسى ياكى يوللىرى بولىدۇ؛ ئاڭلاش ۋە پۇراش سەزگۈلىرى ئۆتكۈر كېلىدۇ.
شۇ ھايۋاننىڭ ئەركىكىنىڭ نامى