Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
不干涉玫策
دۇنيا تارىخى
ئارىلاشماسلىق سىياسىتى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ئىمپېرىيالىستلىرىنىڭ «ئارىلاشماسلىق» ياكى «بىتەرەپلىك» نى دەستەك قىلىۋېلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، فاشىستىك دۆلەتلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىك تاجاۋۇزچىلىقىغا يول قويۇپ، ئوتتۇرىدىن پايدا ئېلىش سىياسىتى. 1936-يىلى گېرمانىيە ئىتالىيە فاشىستلىرى ئىسپانىيىگە قوراللىق ئارىلىشىپ، ياۋروپانىڭ تىنچلىقىغاتەھدىت سالغان. لېكىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىقىلار «دۇنيا خاراكتېرلىك توقۇنۇشتىن ساقلىنىش» نى باھانە قىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ يول قويۇشى بىلەن ياپونىيە، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيە فاشىستلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگونىڭ يېرىمىنى، پۈتۈن ئېفىئوپىيە، ئاۋسترىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋالغان. ئارىلاشماسلىق سىياسىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىنى تېزلەتكەن.