Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۈركۈت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
قارچىغىسىمانلار ئائىلىسىدىكى چوڭ يىرتقۇچ ئوۋ قۇشى، ئۇنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك، بارماق تىرناقلىرى ئۇچلۇق، قانات پەيلىرى چوڭ، كۆزى ئىنتايىن ئۆتكۈر. كىشىلەر ئۇنى قولدا بېقىپ، جەرەن، كېيىك، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
بۈركۈت، بۈركۈتتەك ئالغۇر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
بۈركۈت، بۈركۈتتەك ئالغۇر يىگىت. باشقا شەكىللىرى: بۈركۈتباي، بۈركۈتبەگ، بۈركۈتجان، بۈركۈتكۆز.