Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
布菜斯台德
دۇنيا تارىخى
برېستېد
(1865 - 1935) ئامېرىكىلىق شەرقشۇناس، تارىخشۇناس. 1888-يىلى غەربىي شىمال ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چىكاگو تېنولوگىيە ئىنىستىتۇتى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېلىرىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1905-يىلى مىسىرشۇناسلىق ۋە شەرق تارىخى پروفېسسورى، شۇنىڭدەك شەرق مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. 1905 - 1907-يىللىرى ئارخېئولوگىيىلىك قېدىرىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان. 1919-يىلى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان، شۇ يىلى يەنە ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنى باشلاپ يېقىن شەرققە بارغان، كېيىن يەنە داۋاملىق تۈردە بەش قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، دائىرىسى شىمالدا قارا دىڭىز بويلىرىدىن تارتىپ، جەنۇبتا تاكى يۇقىرى مىسىرغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز جەنۇبتا تاكى يۇقىرى مىسىرغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 9191-يىلى ئامېرىكا شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ رەئىسلىكىگە، 1927-يىلى ئامېرىكا تارىخشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى <مىسىر تارىخى>، <قەدىمكى مىسىر يازما يادىكارلىقلىرى> (بەش توم)، <قەدىمكى مىسىردىكى دىن ۋە ئىدىيە تەراققىياتى> قاتارلىقلار بار.