Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېتانكۇرت
دۇنيا تارىخى
贝坦科尔特
bèi tǎn kē ěr tè
(1908-1981)ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى (1959-1964)، دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. مىراندا شتاتىنىڭ گۋاتېرى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1928-يىلى ۋېنسۇئېلا مەركىزىي ئۇنىۋېرسېتىتىدا قانۇن ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلدە، گومېز مۇستەبىت ھۆكۈمىتىگە قارشى بولغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقتىن، تۈرمىگە تاشلانغان. كېيىن كولۇمبىيە ۋە كوستارىكادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1931-يىلى سولچى ئىنقىلابىي گۇرۇپپا(دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ تەكتى)نى قۇرۇپ چىققان. 1937-1941-يىللىرى چىلى ۋە ئارگېنتىنادا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس ئۆتكەن. 1941-يىلى 9-ئايدا دۆلەت دېموكراتلار پارتىيىسى دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك رەئىس بولغان. 1945-يىلى 10-ئايدا مېدىنا. ئانگارىتا(1897-1953) ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتنىشىپ، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى كومىتىتنىڭ رەئىسى بولغان. 8194-يىلى جىمېنېس (1914-) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنىپ، يەنە بىرقېتىم چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1958-يىلى 1-ئايدا، جىمېنېس ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. شۇ يىلى 12-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەن ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆمۈرلۈك كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولغانئ زۇڭتۇڭلۇقتىن قالغاندىن كېيىن، شۋېتسىيىدە مۇھاجىر بولغان، 1972-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ بارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ۋېنسۇئېلا:سىياسىي ۋە نېفىت>، <ۋېنسۇئېلا، ئۆز نېفىتىنىڭ خوجايىنى>قاتارلىقلار بار.