Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىسمىللا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەت سۆزلىرى، دىنغا ئالاقىدار.
ئىشنىڭ بېشى بىسمىللا. ئىنشائاللا، شىپالىق بېرەر. سۈبھاناللا، ئۇنداقمۇ ئىش بولامدىغان. دۈشمىنىڭگە دەردىڭنى سۆزلىمە ئەسلا، خۇش بولۇپ دېمىسۇن «ئەلھەمدۇلىللا». ماشائاللا، ئىش ئوڭغا تارتتى. گېپىم يالغان بولسا، كالامۇللا ئۇرسۇن. ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا. زاھىت سۆزىدىن يۈز توۋا قىلدۇق، ئابىد ئىشىدىن ئەستاغپۇرۇللا. قازاغا رىزا، ئەلھۆكمىلىللا. ئىللا - بىللا، يالغان ئېيىتمىدىم.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
« تەسمىيە » گە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ۋە ئومۇمەن كونا كىتاب، كونا خەت - چەك قاتارلىقلارنىڭ باشلىنىش فورمۇسى.
بىرەر ئىشقا كىرىشكەندە، خۇسۇسەن تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى ئىشلىتىلىدىغان باشلىنىش سۆزى.
بوۋاي <بىسمىللا> دەپ يولغا چۈشتى.
كۆچمە. بىرەر ئىشنىڭ باشلىنىشى، مۇقەددىمىسى.
تېخى سۆزۈمنىڭ بىسمىللاسىنى ئېيتماي تۇرۇپ، تېلىفون يەنە جىرىڭلاپ كەتتى.