Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېسىلغاق
ئۆسۈملۈك
遏蓝菜
è lán càiDئۇنىۋېرسال
遏蓝莱
è lán láiDتېببىي
بېسىلغاق (كرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بېسىلغاقنىڭ يەر ئۈستى چۆپ قىسمى )
菥萁
xī qí
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
菥萤
xī yíng
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، بېسىلغاققا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنى تۈكسىز، سىلىق بولىدۇ؛ غولى تىك شاخلايدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ
ئۆسىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ ساپىقى بولمايدۇ، يوپۇرماقنىڭ تۈۋى غولىنى ئوقياسىمان ئوراپ تۇرىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى سوقىچاق
ياكى تېمىنىسىمان، گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ياكى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، ئاق، قىسقا
بولىدۇ؛ مۈڭگۈزلۈك مېۋىسى ياپىلاق، چۆرىسىدە قانىتى بولىدۇ، ئۇچى ئويمانراق؛ ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان، قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمىنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز، يول بويلىرى ۋە نەم
يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
جىگەرنى ياخشىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بېسىلغاق ئۇرۇقىدىن 15 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
بېسىلغاق ئۇرۇقىدىن 70 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، 15 گرام تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما
رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بېسىلغاق ئۇرۇقىدىن 100 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.