Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىسكپان خارابىسى
دۇنيا تارىخى
比斯克潘遗址
bǐ sī kè pān yí zhǐ
پولشا سۇ ئۈستى قۇرۇلۇش خارابىسى، پولشانىڭ ئوتتۇرا شىمال قىسمىدىكى بىدگو ئۆلكىسىنىڭ بىسكپان كۆلىگە جايلاشقان. 1933-يىلى تېپىلغان. يڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە ئائىت خارابىلەر بولۇپ، ئۆي خارابىلىرى تېپىلغان؛ برونزا قورال دەۋرىگە ئائىت قالدۇرقلار تېپىلغان بولسىمۇ لېكىن ئاساسلىقى يەنىلا تۆمۈر قورال دەۋرى خالىستات تۆتىنچى مەزگىلىگە ئائىت سۇ ئۈستى قۇرۇلۇشى قەبىلە خارابلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۇزۇن راىئۇسى تەخمىنەن 170 مېتىر، قىسقا رادىئۇسى تەخمىنەن 110 مېتىر كېلىدىغان ئېللېپىسسىمان ئارالدا 100 دىن ئارتۇق ئائىلە ئولتۇراقلاشقان. تۆت ئەتراپى ياغاچ قاشا بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 463 مېتىر، كۆلىمى 900.6 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئۆيلەر 13 قاتار قىلىپ سېلىنغان، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆيىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى 9×8 مېتىر بولۇپ، ئىككى ئېغىزغا بۆلۈنگەن.