Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېشى باغلاقلىق
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
بىراۋغا ياتلىق قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان قىز بېشى باغلاقلىق قىز دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، توي قىلىدىغان ئوبيېكتىغا ماقۇللۇق جاۋابى بەرگەن، لايىقى بار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: بۇ گەپنى ئاڭلاپ خېلى ئۇزاققىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالدىم، راست، ئەگەر ئۇنىڭ بېشى باغلىنىپ قالغان بولسىچۇ. ئۇنداقتا، ئۇ قولۇمدىن چىقىپ كېتىپ قالارمۇ، دېگەن خىيال يۈرىكىمنى قۇرتتەك غاجاشقا باشلىدى.