Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىسات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پالاس، گىلەم؛ يەرگە سېلىنغان نەرسە:
بىراۋ ئىختىيار ئەيلەدى بورىيا،
قومۇشتىن بىسات ئەيلەدى خەلقئارا.
غەرىبى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆرپە، يايما، پالاس، گىلەم؛ شاخمات تاختىسى؛ كۆچمە مەنىسى: يەر يۈزى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ھەممە جاھاز، نەرسە - كېرەكلەر.
ئۆيۋاقلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ يۈر. بىساتىڭغا قارىما، ئىنساپىڭغا قارا. سەرەمجان ئائىلە - خوشال ئائىلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆي سەرەمجانلىرى.
ئۇلار قاتتىق قىشتا ئۆي بىساتى بېسىلغان ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كەلگەنىدى.
كىشىدە بولغان ھەممە نەرسە، بايلىق.
مېنىڭ بارلىق بىساتىم مانا مۇشۇ بىر ساندۇق كىتاب.