Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
برۈنن مىللىي پروگراممىسى
دۇنيا تارىخى
布隆民族纲领
bù lóng mín zú gāng lǐng
ئاۋسترىيە سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسى تۈزگەن ئىسلاھاتچىلىق خاراكتېرىدىكى مىللىي پروگرامما. 1899-يىلى برۇنن (يەنە بىر نامى برنو، بۈگۈنكى چېخوسلوۋاكىيىدە قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. پروگراممىدا <مىللىي مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسى> توغرىسىدىكى ئىسلاھاتچىىق پرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاۋستىريىنىڭ ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان زۇلمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغان. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىنىپىي ھەمكارلىقىنى سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكەئۇرۇنغان. پارتىيىنىڭ مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى سىياسىتىنى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي كۈرىشى بىلەن بىرلەشتۈرمىگەن. بۇ خاتا نەزەرىيىنىڭ ⅩⅩ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى خەلقئارا ئىشىچلار ھەرىكىتىدە بەلگىلىك تەسىرى بولغان. لېنىن ئۆزىنىڭ <مىللىي مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسى توغرىسىدا> دېگەن ئەسىردە بۇ پروگراممىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.