Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
برېتىگنى سۈلھ شەرتنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى布勒丁尼和和约
bù lè dīng ní hé hé yuē
يۈز يىللىق ئۇرۇش دەۋرىدە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە 1360-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى برېتىگنى (بۈگۈنكى فرانسىيىىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا) كەنتىدە تۈزۈشكەن سۈلھ شەرتنامە. 5613-يىلى 9-ئايدا، پۇئاتىيې ئۇرۇشىدا فرانسىيە يېڭىلىپ، فرانسىيە كورۇلى جون Ⅱ ئەسىرگە چۈشۈپ، شاھزادە چارلېس ئەنگلىيە بىلەن سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. سۈلھ شەرتنامىدە: فرانسىيە كالى پورتى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئەنگلىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ ئەنگلىيە خانى ئېدۋارد Ⅲ نىڭ ئاكۋىتانىيە، گاسكون، پوئارتۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فرانسىيىنىڭ پۈتكۈل غەربىي جەنۇبىغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى ئېتىراپ قىلىش؛ فرانسىيە جون Ⅱ نى نۇرغۇن پۇل بېرىپ قايتۇرۇپ كېتىش؛ ئېدۋارد Ⅲ فرانسىيىنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇش تەلىپىدىن ۋاز كېچىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. بۇ سۈلھ شەرتنامە فرانسىيىگە نىسبەتەن ناھايىتى پايدىسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ ئارقىلىق ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئۇرۇشقا تەييارلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.