Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىرنەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى姑舅表婚
gū jiù biǎo hūn
قايچا قۇدىلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىر نەۋرە ئاكا - ئۇكا، ھەدە - سىڭلىلارنىڭ ئۆزئارا توي قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. توپ نىكاھلىنىشنىڭ بىرخىل قالدۇق شەكلى. توپ نىكاھلىنىش تۈزۈمىدە دەسلەپ بىر تۇغقان ئاكا - ئۇكا ۋە ھەدە - سىڭىللار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھلىنىش چەتكە قېقىلغان. شىرەم تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى چەتكە قېقىلمىغان. بەلكى مۇقىم بولغان مەلۇم ئىككى ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ نىكاھلىنىش شارائىتىدا شىرەم تۇغقانلار ئوخشاش بىر ئۇرۇققا مەنسۇپ بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى قائىدىگە ئۇيغۇن بولغان. بۇنداق بىر نەۋرىلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئادىتى ئۇزۇن زامانلارغىچە ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن، ئىندىئانلارنىڭ مورىيا قەبىلىسىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەۋىرلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. كېيىنكى چاغلاردا بارلىققا كەلگەن بەزى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ بىر نەۋىلەرنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى خېلى تارقالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.