Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىر مىڭ سەككىز يۈز ئەللىكىنچى يىلدىكى بۇلغارىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
بۇلغارىيە دېھقانلىرىنىڭ تۈركىيە فېئودال يەر ئىگىلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرىشى. 1850-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى لوم، ۋىدىن ۋە بلوگراچىك رايونلىرىدا پارتلاپ، بۇلغارىيىنىڭ پۈتكۈل غەربىي شىمال قىسىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن. قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 17 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، كاپىتان كرۇستىۋۇ، ئىگنات ۋە پۇرۋان ۋۇربانوۋ قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان، كېيىنكۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى پەرق زور بولغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيە ئارمىيىسى ۋە بازۇق پاشا قىسىملىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.