Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىرمىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش سەككىزىنچى يىلدىكى مەمۇرىي تەشكىلىي قائىدەنىزامى
دۇنيا تارىخى
一八六八年行政组织法规
yī bā liù bā nián xíng zhèng zǔ zhī fǎ guī
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كرىت ئارىلىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى. 1821-،1824-،1840-،1856-،1866-يىللار كرىت خەلقى كۆپ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، گرېتسىيە بىلەن قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. 1868-يىلى تۈركىيە سۇلتانى مۇشۇ قائىدەنىزامنى تۈزۈپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ خرىستىئانلارنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇشقا ھەمدە باجنى ئازايتىشقا ماقۇل بولغان. بىراق بۇ قائىدە نىزام ئەمەلىيەتتە يولغا قويۇلمىغان. كېيىن بۇ قائىدەنىزام ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشتىكى سخېمىسى بولۇپ قالغان.