Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىرمىلىقلار جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
我缅人协会
wǒ miǎn rén xié huì
دوباما پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرمىدا ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ئىلغار پارتىيە. 1930-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، رادىكال بۇرژۇئا زىيالىيلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى رەھبىرى تاكىن باتۇن قاتارلىق كىشىلەر <بىرما بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىرما يېزىقى بىزنىڭ يېزىقىمىز، ۋەتەننى سۆيۈشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىنى قەدىرلىشىمىز، ئۆز تىلىمىزغا ھۈرمەت قىلىشىمىز لازىم> دېگەننى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئومۇمەن <تاكىن>(<خوجايىن>مەنىسىدە) نى ئىسىمنىڭ بېشىغا يېزىپ، ئەنگىليە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئادەتتە <تاكىن پارتىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ پارتىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن ئامما ئىچىدە جاھانگىرلىككە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 1936-يىلى ستۇدىنتلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى قانات يايغاندىن كېيىن، ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنىڭ داھىيلىرى رەھبەرلىك يادروسىغا كىرگەن. 1939-يىلى ئائوڭسان باش سېكرىتار بولۇپ سايلانغان. سول قانات ئىلغار كۈچلەر زورىيىپ بارغان. كېيىن ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن. 1940-يىلدىن كېيىن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.