Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېرلىن جېڭى
دۇنيا تارىخى
柏林战役
bó lín zhàn yì
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بېرلىننى ئىشغال قىلىش جېڭى. 1945-يىلى ئەتىيازدا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ گېرمانىيە تېررىتورىيىسىگە كىرىپ ئۇرۇشقان. گىتلېر بىر مىليون ئەسكەر توپلاپ بېرلىننى قوغداپ، كۈچىنىڭ بارىچە شەرقىي سەپنى كۈچەيتىپ، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىلەن ئايرىم - ئايرىم ياراشماقچى بولغان. سوۋېت ئارمىيىسى ئۈچ يۆنىلىش ئەسكىرىي كۈچ بىلەن 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ھۇجۇمنى باشلىغان، 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئودېر دەرياسى، نىس دەرياسى مۇداپىئە سېپىدىن ئۆتۈپ، 25-كۈنى بېرلىننى پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئالغان. 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە كەسكىن كوچا جېڭى ئارقىلىق، بېرلىننى ئىشغال قىلغان. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېرلىن ئەتراپىدىكى كارس خورست دېگەن جايدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى كېتېل تەسلىمنامىگە شەرتسىز ئىمزا قويغان.