Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بىرىكتۈرگۈچى پەردە
دائىرە: بىئولوگىيە结膜
jiémó
سىلىق، سۈزۈك ھەم قان تومۇرلىرى كۆپ بولغان بىر قەۋەت شىللىق پەردە. ئۇنىڭغا كىچىك قان تومۇرلار تارقالغان بولۇپ، ئۈستۈنكى كۆز قاپاقلىرىنىڭ ئىچكى يۈزىنى ۋە ئاقسىللىق پەردىنىڭ ئالدى قىسمىنى قاپلاپ تۇرىدۇ، قاپاقنىڭ ئىچكى يۈزىگە يېپىشىپ تۇرىدىغىنى <قاپاق بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى>. ئاقسىللىق پەردىنىڭ ئالدى قىسمىغا يېپىشىپ تۇرىدىغىنى بولسا <كۆز ئالما بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى> دەپ ئاتىلىپ ئىككى قىسىم ئۆزئارا ئۇلىنىپ داۋاملىشىدۇ. شىللىق پەردە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ مۈڭگۈز پەردىنى داۋاملىق نەملەپ ئۇنىڭ سۈزۈكلۈكىنى ساقلايدۇ. شۇڭا ئۇ ئاسراش ۋە كۆز ئالمىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. جىددىي خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە تراخومالار مەزكۇر پەردىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىققان كۆز كېسەللىكلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,ئاناتومىيە,تېببىي
结膜
jié móDباغۋەنچىلىك
结合膜
jié hé móDماشىنىسازلىق
结合膜
jié hé mó
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.