Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىرىكمە قەنتلەر
بىئولوگىيە
قەنت بىلەن قەنت ئەمەس ماددىلارنىڭ بىرىكمىسى. ئازوت ياكى ئاقسىل بىلەن بىرىككىنى دائىم ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىكىلەر: بىر خىلى تەركىبىدە ئازوت بولغان پولىساخارىد يەنى مۇكوپولىساخارىد، يەنى بىر خىلى تەركىبىدە ئازوت بولغان قەنت بىلەن ئاقسىلنىڭ بىرىكمىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار يەنە تەركىبىدىكى ئامىنو قەنتىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە ئاساسەن، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ گلىكوپروتېئىن دەپ ئاتىلىدىغان مۇكوپروتېئىن ۋە گىلىكوپروتېئىنلارغا بۆلۈنىدۇ. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئاتىلىشى قالايمىقان بولۇپ، تېخى بىرلىككە كەلمىدى. گلىكوپروتېئىن (مۇكوپروتېئىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋەكىلىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور، مەسىلەن، قان پلازمىسىدىكى ئاقسىللارنىڭ ئىچىدە توشۇش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە بولغانلىرىدىن: مىسنى توشۇغۇچى مىس كۆكى ئاقسىلى، تۆمۈرنى توشۇغۇچى تۆمۈر يۆتكىگۈچى ئاقسىلى، گېموگلوبىننى توشۇغۇچى گلوبىن قاتارلىقلار بار. يەنە مەسىلەن، قىزىل قان دانىچىسىدە قان گۇرۇپپىسىنى بەلگىلەيدىغان مەخسۇس ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە 7% قەنت بولىدۇ، بۇ قەنتلەر ئاساسەن فۇكۇزا، گالاكتوزا، گلوكوزامىن ۋە گالاكتوزامىنلار بولۇپ، ئۇلار قان گۇرۇپپىلىرىدىكى ماددىلارنىڭ مەخسۇسچانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. يېپىشقاق پولى ساخارىدلارنىڭ رولى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە.