Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىر ياقىدىن باش بىر يەڭدىن قول چىقارماق
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر«بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارماق»قەتئىي بىرلەشمەك، مۇستەھكەم ئۇيۇشماق، چىڭ ئىتتىپاقلاشماق؛ بىرنىيەت بىر مەقسەتتە ئىش قىلماق: - كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بەلنى باغلايدىغان بولساق، چىققىلى بولمايدىغان تاغ، ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا يوق.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.