Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
برەتىئانۇ
دائىرە: دۇنيا تارىخى布勒蒂亚努
bù lè dì yà nǔ
(1) يون ك. برەتىئانۇ (1821- 1891)، رومىنىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1876 - 1888). ۋالاخىيىدە پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1848-يىلى ۋالاخىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. كېيىن بۇخارېست ساقچى باشلىقى بولغان. خەلقنى قوراللاندۇرۇپ تۈركىيىنىڭ مۇداخىلىچى قوشۇنىغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە قارشى تۇرغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن فرانسىيە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان (1848 - 1857). ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋالاخىيە بىلەن مولداۋاىيە بىرلىشىپ رومنىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1866-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ غەلىتە ئىتتىپاقنى ھىمايە قىلغان، يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرۇپ، كىنەز كۇزانى ئاغدۇرۇش سۇيىقەستىگە قاتناشقان، پرۇسسىيە شاھزادىسى كارول Ⅰ نىڭ رومىنىيىگە كىنەز بولۇشىنى قوللىغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغىنىدا 1877 - 1878-يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، رومىنىيىنىڭ تۈركىيىدىن ئايرىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى (7187-يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى) جاكارلىغان. 8831-ىلى ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە بانكىسى بىلەن بىر قاتار قەرز پۇل ئېلىش توختامى تۈزگەن. يەنە ئىشچى ۋە دېھقانلارنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرغان. (2) يون ئى. ك. برەتىئانو (1864 - 1927) رومىنىيە باش ۋەزرى (1909 - 1911، 1914 - 1919، 1922 - 1926 ، 1927). يون ك. (1897 - 1899)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋەزىرى (1901 - 1904)، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋەزىرى (1907) بولغان. دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ئاۋىلىسكۇ بىلەن بىرلىكتە 1907-يىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1909-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە بىلەن گېرمانىيە - ئاۋسترىيە گۇرۇھى ئارىسىدا ئەھۋالغا بېقىپ ئىش كۆرۈش سىياسىتىنى قوللانغان. 1916-يىلى 8-ئايدا، روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش كېلىشىمىگە قول قويغان. 1919-يىلى ۋېنگرىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلىگە قاتناشقان. 1924-يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان. شۇ يىلى تاتار بۇنارى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.