Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىردەك ماسلىشىش
پسىخولوگىيە
ئورگانىزمنىڭ بارلىق ئىنكاس پائالىيىتى نۇرغۇن ماس قىسىملار ئىنكاسىدىن قۇرۇلغان بىر پۈتۈن ماسلاشقان پائالىيەت. مەسلەن: بىر كىشى توپ ئوينىغان بولسا، ئالقان ۋە بىلەك مۇسكۇللىرىنىلا ئىشقا سېلىپ قالماستىن، يەنە كۆز، بويۇن، گەۋدە، پاقالچاق مۇسكۇللىرىنىمۇ ئىشقا سالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نەپەسلىنىشى ئۆزگىرىدۇ. قان ئايلىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلەرمۇ بىردەك ماسلىشىدۇ.