Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
برائىس
دۇنيا تارىخى
白赉士
bái lài shì
-1838 - 1922( ئەنگىيىلىك تارىخچى. گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1-مارت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. لوندون ۋە گېرمانىيىدە قانۇنشۇناسلىق ئۆگەنگەن. 1867 - 1882 -يىللىرى ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1868 - 1874-يىللىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مانچېستېردىكى ئوۋېنىس ئىنستىتۇتىدا قانۇنشۇناسلىق بويىچە لېكتور ۋە پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن. 1870 - 1893-يىللىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇنشۇناسلىق بويىچە پادىشاھ بېكىتكەن پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن. 1880 - 1906-يىللىرى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولغان. 1894-يىلدىن تارتىپ سودا ۋەزىرى، ئىرلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1914-يىلدىن باشلاپ يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بولغان ۋە شۇ يىلى ۋىكونت ئۇنۋانى بېرىلگەن. برائىسنىڭ <مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى>، <ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى>، <ھازىرقى زامان دېموكراتىك دۆلىتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.