Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېقىنىش مۇراسىمى
دائىرە: دۇنيا تارىخى委身式
wěi shēn shì
ئىتائەت قىلىش مۇراسىمى، سالام بېرىش مۇراسىمى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. لاتىنچە homo دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، <ئادەم> دېگەن مەنىدە. ئوتتۇرا ئەسىردە غەربىي ياۋروپادىكى سۇيۇرغالغا ئىگە مەنىدە. ئوتتۇرا ئەسىردە غەربىي ياۋروپادىكى سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى (بېقىندى) لار سۇيۇغالنى قوبۇل قىلىدىغان چاغدا ئۆتكۈزىدىغان بىر خىل مۇراسىم. سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى (زېمىنىدار) نىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئىككى قولىنى ئۇنىڭ ئالىقىنىغا قويۇپ، <پېقىر ئۆز ئىگەمنىڭ مالىيى، سۇيۇرغالغا ئىگە بولغان بېقىندىسى. پېقىر ئىگەمگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سادىق بولىمەن، ھايات - ماماتىمغا قارىماستىن ئىگەمنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن> دەپ قەسەم بېرىدۇ. سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى بولسا بىر سىقىم توپا بىلەن بىر تال دەرەخ شېخىنى سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچىغا بېرىپ، سۇيۇرغال يەر ۋە ئۇ يەردىىكى دەل - دەرەخكە سىمۋول قىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.