Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىقارار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بىر خىل تۇرمايدىغان، تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان.
ئۇ پۈتۈنلەي بىقارار بىر ھالەتتە ئىدى.
رەۋ. بىر قارار، بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن؛ قارارسىز، ئىككىلەنگەن.
ئۇ تېخى بۇ ئىشتا بىقارار ئىدى.
رەۋ. كۈتۈپ تۇرالمايدىغان، ئىنتىزار، بىتاقەت.
بۇ يىگىت مەلىكىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرمەستىن ئاشىق بىقارار بولغانىكەن.