Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بوئېتىئۇس
دۇنيا تارىخى
波伊提乌
bō yī tí wū
(480 - 524 ياكى 255) قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ پەيلاسوى ۋە سىياسىئونى. رىما تۇغۇلغان. شەرقىي گوتلار پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى تېئودورىكنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. مىلادى 510-يىلى ئارخونلۇققا تەيىنلەنگەن. كېيىن ئىسىيان كۆtۈرۈشكە ئۇرۇنغان، دېگەن گۇمان بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىپ، پاۋىيە ئەتراپىدىكى بىر قەلئەگە نەزەربەنت قىلىنغان ۋە ئاخىرى شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەن. تۈرمىدە بەش توملۇق <پەلسەپىۋى تەسەللى> دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقىپ ئاكادېمىزمچىلىك، ستوئىكچىلىق ۋە يېڭى ئەپلاتونچىلىق قاتارلىق ئىدېئالىستىك پەلەسەپىدىن تەسەللى ئىزدىگەن ۋە روھ بىلەنلا باغلىسا ھەرقانداق بالايىئاپەت ھەتتا ئۆلۈم - يېتىممۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي بەختىنى تارتىۋالالمايدۇ، دەپ قارىغان. يۇنان تىلىنى پىششىق بىلگەچكە لاتىن يېزىقى ئارقىلىق يۇناننىڭ كۆپلىگەن پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان، بولۇپمۇ ئارىستوتېلنىڭ <قورال ھەققىدە> ناملىق ئەسىرىنىڭ <كاتېگورىيە>، <شەرھى> قىسمىنى ھەمدە پورفىرىنىڭ ئارىستوتېلنىڭ <كاتېگورىيە> سىگە يازغان <مۇقەددىمە> سىنى تەرجىمە قىلغان ۋە ئىزاھلىغان. ئوتتۇرا قەدىمكى ياۋروپانىڭ ئارىستوتېلنى تەتقىق قىلىشىغا تۆھپە قوشقان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان <ئۇنىۋېرساللىق> نىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت - مەۋجۇت ئەمەسلىكى مەسىلىسى مەدرىسە پەلسەپىسى نومىنالىزم بىلەن رېئالىزمنىڭ مۇنازىرە نۇقتىسى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا كىسېرونىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا يازغان 6 توملۇق ئىزاھاتىمۇ ھازىرغىچە ساقلانماقتا.