Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بوتسارىس
دائىرە: دۇنيا تارىخى波察利斯
bō chá lì sī
(1970 - 1823) يۇنان مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى. ئالبانىينىڭ تاغلىق رايونىدىكى باي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. فرانسىيە ئىئونىيە ئارىلىنى بېسىۋالغان مەزگىلدە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالبانىيىدە قۇرغان شۆبە ئەترىتىدە ئەسكەر بولغان. 1820 - 1822-يىللىرى ئەلى پاشا تېپېلېنانىڭ تۈركىيىگە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم يەڭگەن. سۇنى تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن يۇناندىكى ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىي مېسلانگىئونغا كەتكەن. 1822-يىلنىڭ ئاخىرى شەھەر مۇداپىئە ئۇرۇشىنى تەشكىللىگەن. 1823-يىلى 8-ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسى يېڭى ھۇجۇم قوزغىغاندا يەنە سۇنى قىسمىنى باشلاپ كاپېنشىئون ئەتراپىدا تۈركىيە ئارمىيىسىگە زەربە بېرىپ غەلىبە قازانغان، لېكىن ئۇرۇشتا قۇربان بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.