Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوسۇغا
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆينىڭ ئىشىڭ ئالدى تەرىپى.
تۆر
ئۆينىڭ يۇقىرى تەرىپى.
تەلۋە تۆرنى بەرمەس. تۆرنى ئالغان ھېساب ئەمەس، زەللە ئالغان ھېساب. باينىڭ تۆرىدە ئولتۇرغۇچە، گاداينىڭ پەگاسىدا ئولتۇر. قاچقۇننىڭ بوسۇغىسى پەس. ياخشى گەپ تاپسىدىن چىققۇچە، يامان گەپ تاغ ئاشار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىشىك، دەرۋازا كېشەكلىرىنىڭ ئاستىغا قويۇلغان توغرا ياغاچ ياكى خىش، تاش، سېمونت قاتارلىقلاردىن قىلىنغان توسما.
ئەكبەر كەنت ئىشخانىسىغا كىرىۋېتىپ بوسۇغىدا توختاپ قالدى.
كۆچمە. ئۆي، قورۇنىڭ ئالدى.
بۇ ئىككى ئەۋلاد ئەلمىساقتىن تارتىپ ياتقا قىز بەرمەيدىغان، ياننى بوسۇغىسىغا يولاتمايدىغان كىشىلەر ئىدى.
كۆچمە. شەھەر، يېزا - قىشلاقلارغا كىرىشتىكى ئەڭ يېقىن جاي.
: - ئاپلا … دۈشمەن بىزنىڭ بوسۇغىمىزدىلا يۈرۈپتۇ - دە، - دېدى كامال ۋە ئالدىراپ باتۇر تەرەپكە كەتتى.
كۆچمە. بىرەر نەرسە، ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ باشلىنىشىغا يېقىن قالغان پەيت؛ باشلىنىشى، كىرىش قىسمى.
بۇ ئايالنىڭ بالىسى ئۆلۈم بوسۇغىسىغا كېلىپ قاپتۇ.
ئۆستەڭ، ئېرىقلاردىكى زاكۇ، ئازما، سەكرەتمىلەرنىڭ تاختاي بىلەن سۇنى توسقاندا تاختايغا ھىملىشىپ تۇرىدىغان ياغاچتىن ياكى سېمونتتىن تەييارلانغان تاپان.
ئازمىنىڭ بوسۇغىسى.