Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
博斯普鲁斯王国
دۇنيا تارىخى
بوسپور پادىشاھلىقى
<سىممېرىلارنىڭ بوسپورى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئەتراپنىڭ قەدىمكى ئاھالىسى سىممېرىلار ئىكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى ئاركا ئاناكتىدې جەمەتى دۆلەت قۇرۇپ، پانتىكا پېئۇم (ھازىرقى ئوكرائىنانىڭ كېرىچ شەھىرى) نى پايتەخت قىلغان. ئاھالىسى ئاساسەن دېھقانچىلىق، چرۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قول سانائەت بۇيۇملىرىمۇ ئالاھىدە ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان. دەسلەپكى مەزگىلىدە قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا يۇناننىڭ قول سانائەت مەھسۇلاتلىرىن تېگىشكەن. ئۇنىڭ مەدەنىيىتىمۇ يۇناننىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، بۇ دۆلەت كۈچىيىپ، زېمىنى ھازىرقى تامان، كېرىچ يېرىم ئاراللىرىنى ۋە فىئودوسىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرگىچە زاۋالغا يۈزلىنىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى پائېرىسادېس Ⅴ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرى) ھاكىمىيەتنى پونتوس پادىشاھلىقىنىڭ شاھى مىتىرىدات Ⅵ گە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، سائۇماكوس باشچىلىقىدىكى قۇللار قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىق پونتوسنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە پونتوس پادىشاھلىقى مۇنقەرز بولۇپ، بوسپورۇس رىمغا تەۋە بولغان. مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە بوسپورۇس يەنە گۈللىنىپ، قوشنا رايونلار بىلەن كەڭ سودا قىلىشقا، بولۇپمۇ سارماتالىقلار ئالاقىسى زىچ بولغان. Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ، شىمالدىكى قەبىلىلەر ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىپ، شەھەر ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلغان. تەخمىنەن 370-يىى غەربكە كۆچكەن ھونلار تەرىپىدىن يوق قىلىنغان. يېقىنقى زامان ئارخېئولوگلىرى بۇ رايوندىن نۇرغۇنلىغان تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە بۇيۇملارنى تاپقان.