Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوشلۇقنى ئىدراك قىلىش
پسىخولوگىيە
نەرسىلەرنىڭ بوشلۇقتىكى فورمىسى، چوڭ _ كىچىك ۋە ئۆز ئارا مۇناسۋەتلىرىنى ئىدراك قىلىشتۇر. نەرسىلەرنىڭ بوشلۇقتىكى فورمىسىغا قاراپ، ئۇنى ئۈچ بۇلۇڭلۇق، تۆت بۇلۇڭلۇق، كۇب، سىلىندىر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئايرىيمىز. مۇناسۋەتلىرىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ بىزگە ياكى بىر _ بىرىگە نىسبەتەن يېقىن، يىراق، ئوڭ ياكى سولدا، يۇقىرى ياكى تۆۋەنلىكىنى ئايرىيمىز. چوڭ _ كىچىكلىكىگە قاراپ، نىسبەتەن چوڭ، كىچىك، ئوتتۇرا ئىكەنلىكىنى ئايرىمىز. بوشلۇقنى ئىدراك قىلىش كۆپ خىلدىكى سەزگۈ ئەزالار( كۆرۈش، تېگىش، ھەرىكەت سەزگۈ ئەزالىرى ) نىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بوشلۇقنى ئىدراك قىلىشقا فورمىنى ئىدراك قىلىش، چوڭ _ كىچىكلىكىنى ئىدراك قىلىش، چوڭقۇرلۇقىنى ئىدراك قىلىش ۋە يۆنۈلۈشنى ئىدراك قىلىشلار كىرىدۇ. بوشلۇقنى ئىدراك قىلىشتا ئىدراكنىڭ تۇراقلىقلىقى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىدراك قىلىش ۋە يۆنۈلۈشنى ئىدراك قىلىشقا فورمىنى ئىدراك قىلىش