Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
波士顿惨案
دۇنيا تارىخى
بوستون قانلىق ۋەقەسى
1770-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيسى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىسى بوستون خەلقىنى قىزغىن قىلغان قانلىق ۋەقە. 1965-يىلى ئەنگلىيە ئەسكەر تۇرغۇزۇش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بوستون ئاممىسى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ پاراكەندىچلىكىگە ئۇچرىغان. 1770-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيىگە قارشى <ئەركىنلىك ئوغلانلىرى جەمئىيىتى> بىلەن توقۇنۇشۇپ، خەلقتىن بىر ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، بىرقانچىسى يارىدار قىلىنغان. 2-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى سەۋەبسىزلا ئوق چىقىرىپ بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەن. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى شاگىرتلارنى ھاقارەتلەپ، قايتا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن لېيتېنانت پولستون ئاممىغا ئوق چىقىرىشكا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بەش ئادەمنى ئۆلتۈرگەن (ئۆلگەنلەر ئىچىدە بىر نېگرمۇ بار)، بىر قانچە ئادەمنى يارىدار قىلىپ قانلىق ۋەقە تۇغدۇرغان. 3-ئاينىڭ 6-كۈنى پۈتۈن شەھەردىكى ئاھالىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسنىڭ زوراۋانلىقىغا نارازلىق بىلدۈرگەن، ئەنگلىيە مۇملىكچىلىرىنىڭ ئارمىيىنى چېكىندۈرۈپ كېتىش، قاتىللارنى جازالاش قاتارلىق تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. قانلىق ۋەقە ئىنقىلاب تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە خېلى چوڭ رول ئوينىغان.