Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بورانلىق ئاي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
风月法令
fēng yuè fǎ lìng
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مىللىي ئۇيۇشما ماقۇللىغان، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جىنايەتچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى قانۇن. 1794-يىلى بورانلىق ئاينىڭ 8-ۋە 13-كۈنى (مىلادى 2-ئاينىڭ 26- ۋە 3-ئاينىڭ 3-كۈنى) سائىنت جۇست ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ۋە ئامانلىق ساقلاش كومىتېتىغا ۋەكالىتەن بۇ قانۇننى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مىللىي ئۇيۇشما ماقۇللىغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. قانۇندا: ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ۋە ئامانلىق ساقلاش كومىتېتى 1789-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇيان قولغا ئېلىنغان بارلىق جىنايەتچلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، قولغا ئېلىنغان بارلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە مال - مۈلكىگە چېقىلماسلىق. ئومۇمەن ئىنقىلابنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ قارالغانلارنى تىنچلىق ئورنىتىلغىچە تۇتۇپ تۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى مەڭگۈلۈك سۈرگۈن قىلىش، مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، نامرات ۋەتەنپەرۋەرلەرگە ھەقسىز بۆلۈپ بېرىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ياكۇبىنچىلار دىكتاتۇرىلىقىدىكى ئىجتىمائىي ئاساسنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ قانۇندا دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەل قىلىنغان. لېكىن بۇ قانۇن كۆرۈنۈشتە ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنمىغان، ئىسسىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.