Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بونومى
دۇنيا تارىخى
波诺米
bō nuò mǐ
(1873 - 1951) ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1921 - 1922- ۋە 1944 - 1945). مانتوۋادا تۇغۇلغان. ئەسلى تەبىئىي پەن ۋە قانۇن ئۆگەنگەن. ئوقۇتقۇچى ۋە ئاخبارات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. 1909-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان 1912-يىلى ئوڭچىل كۈچلەر تەرىپىدىن پارتىيىدىن ھەيەپ چىقىرىلغان. 1916 - 1921-يىللىرى جامائەت قۇرۇلۇشى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە مالىيە ۋەزىرى بولغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىكىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە يۇگوسلاۋىيە بىلەن فىئۇمې (ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىنىڭ رىجېكا دېڭىز پورتى) مەسىلىسى توغرىسىدىكى <راپاللو شەرتنامىسى> نى تۈزگەن. فاشىستلار ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە خىزمەتتىن چېكىنگەن. 1943 - 1944-يىللىرى فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادلىق كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1944 - يىلى يەنە باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1948 - 1951-يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان