Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بونىفاسىئو
دۇنيا تارىخى
滂尼发秀
pāng ní fā xiù
(1863 - 1897) فىلىپپىن مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. كەمبەغەل ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىشچى بولغان. 1892-يىلى فىلىپپىن ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. شۇ يىلى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات - <كاتىپۇنان> نى قۇرغان. ئاممىغا تايىنىپ، قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق مۇستەقىللىككە ئېرىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1895- يىلى 1-ئايدا 3-نۆۋەتلىك <كاتىپۇنان> ئالىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان، 1896-يىلى <كاتىپۇنان> غا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغان پومېشچىك - بۇرژۇئازىيە گۇرۇھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.