Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
波拿巴派
دۇنيا تارىخى
بوناپارتچىلار
Ⅹ ئەسىردىكى فرانسىيە مۇنارخىست مەزھەپلىرىدىن بىرى، بوناپارت جەمەتىنىڭ ھىمايىچىسى. 1815-يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سىياسىي كۈچلىرى قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىغان. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە بوناپارتچىلار بىر مەھەل كۈچىيىپ كېتىپ، 1851-يىلى 2-فېۋرال سىياسىي ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى قۇرغان. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بوناپارتچىلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن، لېكىن پارلامېنتتا يەنىلا مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە بولغان. 1879-يىلدىن كېيىن ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش بولغانلىقتىن فرانسىيىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا ئۆزىنىڭ رولىنى قايتا جارى قىلدۇرالمىغان.