Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بولۋىيىنىڭ 1952-يىلىدىكى ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
玻利维亚一九五二年革命
bō lì wéi yà yī jiǔ wǔ èr nián gé mìng
بولۋىيە خەلقنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. 1951-يىلى 5-ئايدا، مىللىي ئىنقىلابىي ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋىكتور پاز ئېستېنسورو (1907 -) كانلارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغان، لېكىن ھەربىي تەرەپ بۇ سايلامنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە ھەربىي ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزگەن. ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا مىللىي ئىنقىلابىي ھەرىكەت پارتىيىسى خەلق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ غەلىبە قازانغان، چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەن پازئېستېنسورو دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، زۇڭتۇڭ بولۇپ، فېئودال يېزا ئىگىلىكى ئۈستىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ۋە ئىچكى - تاشقى جەھەتتە مونوپول كاپىتالىنىڭ مىللىي بايلىقىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا خاتىمە بەرگەن. بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب فېئودال قورۇق ئىگىلىرى ۋە ئىچكى - تاشقى مونوپول كاپىتالغا مەلۇم دەرىجىدە زەربە بەرگەن.