Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بولىۋار
دۇنيا تارىخى
玻利瓦尔
bō lì wǎ ěr
(1783 - 1830) جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى. كاراكاسدىكى بىر پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مەشھۇر ئالىم سىمون رودرىگېز (1771 - 1854) دىن تەلىم ئالغان، ياۋروپا مەرىپەت ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغان. كېيىن ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆگەنگەن. 24 يېشىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ۋىنسۇئېلانىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. كېيىن يېڭى گراناداغا يۆتكىلىپ، قوشۇن باشلاپ ۋىنسۇئېلا زېمىنىغا كىرگەن، 1813-يىلى كاراكاس شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا ۋىنسوئېلا ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزى باشلىق بولغان ۋە ئۆزىنى <ئازاد قىلغۇچى> دەپ ئاتىغان. 7-ئايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلىپ، يېڭى گراناداغا چېكىنگەن. يامايكا ۋە ھايتىلاردا قېچىپ يۈرۈپ، پېتىئوننىڭ ياردىمگە ئېرىشكەن. 1816-يىلى ۋىنسۇئېلاغا قايتىپ كېلىپ، قۇللارنى ئازاد قىلىش، يەرلەرنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلان قىلىپ، بارا - بارا خەلقىنىڭ قوللىشىغا مۇيەسسەر بولغان. ئىككىنچى يىلى ئانگوستۇرادا پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1819 - يىلى ئارمىيىنى باشلاپ ئاندىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، يېڭى گراناداغا كىرگەن ۋە بوياكا دېگەن جايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسىنڭ ئاساسلىق كۈچىنى يوقىتىپ، بۈيۈك كولۇمبىيىنى قۇرغان، ئۆزى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1182-يىلىنىڭ باشلىرى ۋىنسۇئېلانىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە كارابوبو جېڭىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان. 1822-يىلى ۋەتەنپەرۋەر ئارمىيىەە قوماندانلىق قىلىپ، پىچىنچا ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، كىدو (بۈگۈنكى ئېكۋاتور) نى بۈيۈك كولۇمبىيىگە قوشۇۋەتكەن.1824-يىلى جۇنىن ۋە ئاياكوچو ئىككى جەڭدە غەلىبە قىلىپ، پېرونىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئازاد قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1825-يىلى يۇقىرى پېرودا بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى (ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان) قۇرۇپ، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1826-يىلى پانامادا تۇنجى قېتىم پان ئامېرىكا يىغىنىنى ئېچىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن بۇ تەشەببۇس ئەمەلگە ئاشمىغان. كېيىن پېرو ۋە بولىۋىيە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان شۇنىڭدەك بۈيۈك كولۇمبىيە يىمىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن، 1830-يىلى 3-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاغرىق سەۋەبىدىن سانتاماراتادا دۇنيادىن ئۆتكەن.
ئۇنىۋېرسال
بولىۋار (پۇل بىرلىكى)
博利瓦
bó lì wǎDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
玻利瓦尔
bō lì wǎ ěr