Uyghurئاساسىي لۇغەت
بولۇشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددىي جەھەتتىن، مەنىۋى جەھەتتىن يار - يۆلەك بولماق.
ياردەم كۈتسەڭ، ياردەملەش. ئۆزئارا ياردەملەشمەك ئەر - خوتۇننىڭ ئوبدان ئۆتۈشىنىڭ ئەڭگۈشتىرى. بىلمىگەنگە بولۇشما. بولۇشساڭ جانغا بولۇش. ئالدىراپ قالغانغا قاراش. قاراشقانغا مىننەت قىلما. كۈچسىزلەرگە مەدەت بەر. دوستۇڭ تەس كۈنگە قالغاندا ياردەم قولۇڭنى سۇن. سەن چوڭ بولدۇڭ، ئەمدى ئاتا - ئاناڭنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<بولماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
بۇنى كۆرگەن دىۋىلەر ھەيران بولۇشۇپتۇ.
يان باسماق، ياردەملەشمەك، قانات ئاستىغا ئالماق.
ماۋۇ دەللە بۇنىڭغا بولۇشۇپ (غۇنچەمنى كۆرسىتىپ) بىزنى تېخى زالىملار دەۋاتىدۇ.
مىجەز - خاراكتېرى كېلىشمەك، ئەپ ئۆتمەك (ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە).
بىراق ئۆزلىرى تېپىشمىغانلىقىدىنمۇ، ئەيتاۋۋۇر بۇ ئىككىسى بولۇشالمىدى.