Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بولۇگنا دىنىي شەرتنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى波伦亚宗教条的
bō lún yà zōng jiào tiáo de
فرانسىيە فرانسوس Ⅰ بىلەن پاپالېئو Ⅹ (1513 - 1521-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) 1516-يىل 8-ئاينىڭ 18-كۈنى بولوگنادا (شىمالىي ئىتالىيىدە) تۈزگەن دىنىي شەرتنامە. بۇ شەرتنامىدە: فرانسىيىنىڭ باش ئېپىسكوپ، ئېپىسكوپ قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك روھانىي خادىملار كورۇلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، فرانسىيە چېركاۋ كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمى كورۇل ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. فرانسىيە كورۇلىمۇ پاپاغا بەزى مەسىلىلەردە يول قويغان. مەسىلەن، شەرتنامە تىلغا ئېلىنغان دىنىي يىغىنىنىڭ ھوقۇقى (بەزىلەر دىنىي يىغىنىنىڭ ھوقۇقى پاپانىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان) مەسىلىسىدە، پاپا فرانسىيە چېركاۋىنى كىرىمىنىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. فرانسۇز Ⅰ فرانسىە دىنىي جەمئىيىتىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئۇنى ئىستىبداتلىق پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغان. 1682-يىلى بۇ شەرتنامە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.