Uyghurئاساسىي لۇغەت
بولقا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆمۈرچىلىك سايمىنى، تۆمۈرنى سوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بېشى تۆمۈردىن بولىدۇ، سېپى بېشىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
« بولقا » كىچىكرەك، « بازغان » چوڭراق بولىدۇ.
بولقاڭنىڭ سېپى بوش بولسا، ئىش بۇزىدۇ. سەندەل بازغاندىن قورقماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مىخ قاتارلىق نەرسىلەرنى قېقىش، تۆمۈر ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈستىنى تەكشىلەش ۋە ئېگىرىشكە ئوخشاش ئىشلاردا قوللىنىلىدىغان ياغاچ دەستىلىك پولات ياكى ياغاچ سايمان.