Uyghurئاساسىي لۇغەت
بولوتنىكوۋ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1606 - 1607-يىللىرىدىكى روسىيە دېھقانلىرىنىڭ چار پادىشاھىنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى قوزغىلىڭى. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرى، روسىيە فېئوداللىرىنىڭ زۇلمى ئېغىرلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1601 - 1603-يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ئاشلىق باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلىشىپ، سىنىپىي كۈرەش ئۆتكۈرلىشىپ، پۈتۈن روسىيىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1606-يىلى يازدا، يانچىدىن كېلىپ چىققان بولوتنىكوۋ (؟ - 1608) غەربىي جەنۇبتىكى دېھقانلار. يانچىلار ۋە كازاكلارنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. تارقاتقان ئېلاندا شەھەر ئاھالىسىنى <ئاقسۆڭەكلەرۋە بارلىق سودىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈش> كە چاقىرغان؛ دېھقانلارنى، فېئوداللارنى قاتتىق جازالاپ، يەرلەرنى تارتىۋېلىپ، فېئوداللى قۇل قىلىشنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭدەك <ئادىل پادىشاھ> كېرەك دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. قوزغىلاڭغا شەھەردىكى تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق بىلەن ئەسكەرلەر بەس - بەستە قاتناشقان. قوزغىلاڭ ئارمىيىسى پوتۋورىدىن يولغا چىقىپ كرومېدا چار پادىشاھ ۋاسلىي شويىسكىنىڭ ئارمىيىسىنى يېڭىپ، 70 نەچچە شەھەرنى تارتىۋالغان. شۇ يىلى 10 ـئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى موسكۋانى قورشىۋېلىپ، فېئوداللىق ھاكىمىيەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. لېكىن موسكۋاغا يۈرۈش قىلغاندا بىر قىسىم پومېشچىك، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر قوشۇنغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ تەركىبىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، دەل چار پادىشاھنىڭ ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ئاقسۆڭەك پاكوۋ باشچىلىقىدىكى قوشۇن ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن قوزغىلاڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، قوزغىلاڭچى ئارمىيە كالۇگاغا چېكىنگەن. 1607-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرى، قوزغىلاڭچى ئارمىيە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان چار پادىشاھىنىڭ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ تۇلا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. چار پادىشاھ نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ تۇلا شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. شەھەرگە قامىلىپ قالغان قوزغىلاڭچىلار تۆت ئايغىچە باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئاخىرى چار پادىشاھ ئارمىيىسى توسما ياساپ، شەھەرنى كەلكۈن سۈيى بىلەن باستۇرۇۋېتىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى ئوزۇق - تۈلۈكتىن ئۈزۈپ، ياردەمچى قوشۇندىن مەھرۇم قىلغاچقا قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. بولوتنىكوۋ ئەسىرگە چۈشۈپ، سۈرگۈن داۋامىدا قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.