Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
勃兰登堡伯爵
دۇنيا تارىخى
گراف براندېنبۇرگ
(1792 - 1850) پرۇسسىيە گېنېرالى، باش ۋەزىرى (1848 - 1850). پرۇسسىيە كۇرۇلى فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅱ نىڭ ئوغلى. 1829 - يىلى گېنراللىققا كۆتۈرۈلگەن ۋە سىتسىلىيە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1848 - يىلى 11 - ئاينىڭ باشلىرى، ئارمىيىنى باشلاپ بېرلىنگە بېسىپ كىرىپ، ئىنقىلابنى باستۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇيرۇق بويىچە يېڭى ئىچكى كابېنت تەشكىللىگەن ۋە باش ۋەزىر بولغان. 9 - كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ پرۇسسىيە پارلامېنتىنى تارقىتىۋەتكەن. شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەلقنى <كورۇل بېكىتكەن> ئاساسىي قانۇننى قوبۇل قىلىشقا مەجبورلاپ، ئۈچ دەرىجىلكلەر سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1850 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرى <كورۇل بېكىتكەن> ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، دېموكراتىك ئەركىنلىكنى يەنىمۇ چەكلەپ، پۈتۈن ھوقۇقنى كورۇلغا تاپشۇرغان؛ شۇ يىلى 3 - ئاينىڭ باشلىرى يۇنكېر پومېشچىكلارغا پايدىلىق بولغان دېھقانلارنىڭ فېئوداللىق مەجبورىيەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىنى ئېلان قىلغان. 11 - ئايدا چارروسىيەنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، ئاۋسترىيە بىلەن <ئولمۇنز كېلىشىمى> ئىمزالاپ، گېرمانىينىڭ 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى ئىنقىلاب ئالدىدىكى ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن.