Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
波将金号起义
دۇنيا تارىخى
پوتيومكىن ناملىق پاراخوت قوزغىلىڭى
1905 - 1907 - يىللىرىدىكى روسىيەئىنقىلابىي مەزگىلىدە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ <پوتيومكىن> ناملىق برونلۇق پاراخوتى ماتروسلىرىنىڭ قوزغىلىڭى. 1905 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى پاراخوتتىكى ئوفىتسېرلار ماتروسلارنى سېسىپ قالغان گۆشتىن ئېتىلگەن شورپىنى يېيىشكە زورلىغانلىقتىن قوزغىلاڭ پارتلىغان. ماتروسلار قوراللىنىپ ئەكسىيەتچى ئوفىتسېرلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئىنقىلاب قىزىل بايرىقىنى چىقارغان؛ تورپىدىست ماتيوشېنكونى (9187 - 1907) قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىشقا سايلىغان. ئۇلار پاراخوتنى ئودېساغا ھەيدەپ كېلىپ، شۇ جايدىكى ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلەشمەكچى بولغاندا مېنشىۋىكلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى پاراخوتنى رومىنىيەنىڭ كونستانتا پورتىغا ھەيدەشكە مەجبور بولغان. ئىككىنچى يىلى پاراخوتتىكى ماتروسلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن ۋە كۆپلىگەن ماتروسلار ئېغىر جازاغا تارتىلغان. لېنىن بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ چار پادىشاھنىڭ قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىز ئارمىيىسى ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋى خاراكتىرلىك ئىنقىلابىي قوزغىلىش، دەپ قارىغان.