Uyghurئاساسىي لۇغەت
بويۇن تولغىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى قىلىشنى رەت قىلماق.
ئەگەر ئۆمەك پۇل چىقىرىشتىن باش تارتسا، ئۇنىمۇ ئۆزۈم ھەل قىلىمەن. ئۇ ئانىسىنىڭ گەپلىرىگە بويۇن تولغىماي، قۇلاق سالدىغان بولدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قارشىلىق كۆرسەتمەك.
بويسۇنماق، تىز پۈكمەك، باش ئەگمەك
ئىتائەت قىلماق.
بويسۇنغانغا قىلىچ ئۇرما. ياۋاش باش ئەگمىگەن يەردە، سەن تىزىڭنى پۈكمە. زالىمغا بويسۇنغان بوينى ئۈزۈلەر. ئاناڭغا بويۇن تولغىما، خورلۇق تارتىسەن، ناھەقچىلىكنى كۆرگەندە كۆكرەك كېرىپ چىققان باتۇر. ناھەق ئىشتىن باش تارتىش - ھەق يولىدا تىرىشقانلىق. ئاناڭدىن باش تارتما، ئاشمىسۇن مۇڭى، شەرەپنىڭ تاجىدۇر پۇتىكى چېڭى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
نارازىلىق قىلماق، قارىشىلىق كۆرسەتمەك، باش تارتماق، بوي بەرمەسلىك؛ - ئۇ نىكاھقا بويۇن تولغىغان بىلەن ئويۇن - تاماشىغا ياق دەرمۇ؟ - دېدى ئاينۇرە ئاپسىغا.