Uyghurئاساسىي لۇغەت
بويلىماق
شىۋىلەر
بويۇننى سوزۇپ قارىماق؛ تەگمەك، يەتمەك؛ ئۇ يىراققا بويلاپ قارىدى؛ ئارغامچا قۇدۇققا بويلىمىدى؛ مەن سۇغا بويلىمىدىم (مەن سۇنىڭ تەكتىگە يېتەلمىدىم).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بويى ياكى ئۇزۇنلۇقى، ئېگىزلىكى يەتمەك، توغرا كەلمەك.
ئۇ: - مەن دېمىدىممۇ، كەتمەن بويلىمىدى، سۇنىڭ تېرەنلىكى زادى ئىككى گەزدىن كەم ئەمەس، - دېدى.
دەريا، يول قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى، بويى بىلەن ماڭماق.
ئۇ يان تەرەپتىكى ئانا ئېرىقنى بويلاپ كېتىۋاتاتتى.
بويىنى سوزماق.
قەپەسنىڭ ئىگىسى ئوتۇنچىغا: - ھە، نېمىشقا قەپەسنى بويلاپ قالدىڭ؟ ئوغرىمۇسەن؟ كەت نېرى! - دەپ ۋارقىراپتۇ.